باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قېرىنداشلار ياڭراتقان مۇقام كۈيلىرى

2017.09.26 16:04   مەنبە: خەلق تورى

قېرىنداشلار ياڭراتقان مۇقام كۈيلىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانت سەھنىسى پىروگراممىسىدا ياش ناخشىچى شىرئەلى ئەلتېكىننىڭ شاگىرتى ۋاڭ جياڭجياڭ بىلەن بىللە ئېيتقان «مۇشاۋرەك مۇقامى»دىن ئارىيە تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ مۇقامنىڭ MTV سى دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىلىپ، ھەممەيلەننىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ «مۇشاۋرەك مۇقامى»دىن ئارىيەدە ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئېيتىشتا خېلى سىستېمىلىق تەربىيەلىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. نۇرغۇن كىشى ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇ كىلاسسىك تېكىستلەرنى تولۇق، توغرا تەلەپپۇز قىلالىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، ئۇنىڭ ناخشىسىدىن مۇقامغىلا ئەمەس، شىنجاڭغا ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.

  ئوخشاش مۇددىئا، ئوخشاش قىزىقىش، ئوخشاش ھەۋەس، ئوخشاش مۇھەببەت ئىتالىيەدە مۇزىكا كەسپى بويىچە بىلىم ئالغان خەنزۇ يىگىت ۋاڭ جياڭجياڭنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ناخشىلىرى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر يىگىت شىرئەلى ئەلتېكىن بىلەن بىر يەرگە جەم قىلغانىدى.

  ۋاڭ جياڭجياڭ خېبىي ئۆلكىسىدىن، ئۇ شىئەن مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىتالىيە مىرەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا باردى. ئۇ ئىتالىيەدە مۇزىكا ئۆگىنىش جەريانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا قىزىقىپ قالدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «بىباھا گۆھىرى» 12 مۇقام ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى. شۇنداق قىزىقىش، شۇنداق ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ ئىتالىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭغا بېرىشنى قارار قىلىپ، 2010-يىلى شىنجاڭغا كەلدى. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەن يەتتە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە بېرىپ ئەلنەغمىچىلەرنى زىيارەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ، توي-تۆكۈنلىرىگە قاتنىشىش، دولان دىيارىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەلنەغمىلىرىنى قېزىپ ۋە رەتلەپ، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن نەچچە مىڭنى يىغدى ۋە شۇ ئاساستا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ يازغان «ئەسسالام، شىنجاڭ» ناملىق كىتاب ۋە «ئەسسالام، شىنجاڭ» ھۆججەتلىك فىلىمى شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتتى. ئۇ «گۈزەل شىنجاڭ»، «مېنىڭ يۇرتۇم ياركەنت»، «رەناگۈل» قاتارلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى. ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، ئەلنەغمىلىرىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ياشلار ۋە چوڭلارمۇ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇقام ۋارىسى شىرئەلى ئەلتېكىننى ئۇستاز تۇتۇش قارارىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، مۇددىئاسىنى ئېيتتى. شىرئەلى ئەلتېكىنمۇ بۇ ياش خەنزۇ يىگىتنىڭ نام-شەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىدىن ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىغانلىقىدىن سۆيۈنگەنىدى. شىرئەلى خۇشاللىق بىلەن ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدى. ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىشىش جەريانىدا، ئۇلاردىكى كۆيۈنۈش، مېھىر-مۇھەببەت، سەنئەتكە بولغان ئورتاق ئىشتىياق ئۇلارنى ئۇستاز-شاگىرتلا ئەمەس، ئاكا-ئىنى قېرىنداش قىلىپ، بۇ ساھەدە ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان نىشانغا ئىگە قىلدى. سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۈپەيلى، شىرئەلى بىلەن ۋاڭ جياڭجياڭ ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ۋاڭ جياڭجياڭ شىرئەلى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئەل جامائەت ئالدىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى قىلچە تەمتىرىمەي ئورۇندىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ تىرىشچانلىقى شىرئەلىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى.

  _ مۇقام ئورۇنداش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان ۋاڭ جياڭجياڭ مۇقامنىڭ كىلاسسىك تېكىستلىرىنى تولۇق، توغرا تەلەپپۇز قىلىش، ئاھاڭغا توغرا سېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم، _ دېدى شىرئەلى ئەلتېكىن.

  بۇ ئىككى ياش بىر مەقسەت، بىر نىشاندا ئورتاق تىرىشتى. ۋاڭ جياڭجياڭ شىرئەلىدىن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگەنسە، شىرئەلى ۋاڭ جياڭجياڭدىن خەنزۇچە سۆزلەشنى ئۆگەندى، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش روھىدىن ئۈلگە ئالدى، ئۇنىڭ ئىتالىيەدە ئۆگىنىپ كەلگەن مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئۆرنەك ئالدى. بۇ ئاكا-ئىنىلار ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، سەنئەت ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

  شىرئەلى ئەلتېكىن بۇ يىل 6-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ باھالاندى ھەم ئۇنىڭغا زەھەر چەكلەش توغرىسىدا ناخشا ئېيتىش ۋەزىپىسى چۈشتى. شىرئەلى ئەلتېكىن خەنزۇ قېرىندىشى ۋاڭ جياڭجياڭ بىلەن بىللە زەھەر چەكلەش مەزمۇنىدىكى «تۇماندىكى ئازاب» دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ، بۇ ۋەزىپىنى ئىنىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى، بۇ ناخشىنى ئىككىيلەن «قوش تىل»دا ئېيتتى. بەزى تېكىستلەرنى شىرئەلى ئۇيغۇرچە، ۋاڭ جياڭجياڭ خەنزۇچە ئېيتسا، يەنە بەزىلىرىنى شىرئەلى خەنزۇچە، ۋاڭ جياڭجياڭ ئۇيغۇرچە ئېيتىپ، ناخشىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. «تۇماندىكى ئازاب»نىڭ توردا تارقىلىش قېتىم سانى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئاشتى، جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولدى.

  ۋاڭ جياڭجياڭ بىلەن شىرئەلىنىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق مېھرى كۈنسايىن كۈچەيدى. ۋاڭ جياڭجياڭ ئاكىسى شىرئەلىدىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەردە ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە «ناۋا مۇقامى»دىن ئارىيە، «مۇشاۋرەك مۇقامى»دىن ئارىيەلەرنى ئورۇنداپ، قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. ۋاڭ جياڭجياڭ شىرئەلى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بىر جۈپ قېرىنداشلار» دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، شىرئەلىگە تەقدىم قىلدى. شىرئەلى بۇنىڭدىن بەكلا تەسىرلەندى. بۇ ناخشىدا شىرئەلى بىلەن ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتى سەنئەت يولى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەنىدى. شىرئەلى ۋاڭ جياڭجياڭغا بۇ ناخشىنى بىللە ئېيتىش تەكلىپىنى بېرىپ، بۇ ناخشىنى ئىككىسى تەڭ ئېيتىپ، دۆلەت بايرىمىلىق سوۋغا سۈپتىدە خەلققە تەقدىم قىلىشنى توغرا تاپتى. ئاكا-ئىنى ئىككەيلەن قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە تۇرپان خەلق ناخشىسى «ئۆرگەلدى پەلەك»نى بىللە ئېيتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  _ مەن بۇ بىپايان گۈزەل زېمىننى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم،-دېدى ۋاڭ جياڭجياڭ ئىپادىلەپ، − شىنجاڭ خەلقى ئىنتايىن مېھماندوست، خۇشچاقچاق خەلق. مەن شىنجاڭنىڭ نەرىگىلا باراي، ئۇلار مېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. شۇڭا مەن «ئەسسالام شىنجاڭ» تېمىسدىكى كىتابىم ھەم ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەرگە ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرماقچى بولدۇم. مەن شىرئەلى ئاكامدىن ۋە شىنجاڭدىكى قېرىنداشلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، مەن بارلىقىمنى شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ، ئاكام شىرئەلى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى