باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي تاغلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى

2017.09.13 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتاي شەھىرىدىكى قىران دەرياسى قىرغىقىنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 1360 نەچچە مېتىر ئېگىز گېنېرال تېغى، غەربىدە ئېگىزلىكى 150 مېتىر كېلىدىغان تۆگە چوققىسى بار. 2009-يىلىدىن بۇرۇن شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى تاغلار تاش-شېغىللىق، ئېدىرلىق، قاقاس جاي ئىدى، ھازىر ئالتايدىكى تاغلار يېشىللىققا ئۆزگەردى. يىراقتىكى تۆگە چوققىسىدىكى تاشلىقمۇ كۆكىرىشكە باشلىدى، ئىلگىرىكى قاقاسلىق يېشىل ئېكولوگىيە شەھىرىگە ئۆزگەردى.

  ئالتاينىڭ كان بايلىقى مول، ئىلگىرى تاغدىكى كان ئېچىش ھەرىكەتلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بەزى تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. 2009-يىلىدىن باشلاپ، ئالتاي كان ئېچىشتەك ئەنئەنىۋى كەسىپ شەكلىدىن ۋاز كېچىپ، ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان 1-كەسىپكە تۈرتكە بولۇپ، 2- كەسىپنى يۆلەيدىغان تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزدى. ئالتاينى گۈزەل، ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان شىنجاڭنىڭ مېھمانخانىسى قىلىش ئۈچۈن، زور كۆلەملىك قاقاس تاغنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.

  بۇ يىلغىچە ئالتاي شەھىرى شەھەر ئەتراپىدىكى 24 مىڭ مو قاقاس تاغنى يېشىللاشتۇردى، تۈرلۈك دەرەختىن 2 مىليون 300 مىڭ تۈپ تىكتى، بۇلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %98تىن ئاشتى. ھەر يىلى ئەتىيازدا ئالتاي شەھىرى ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. تاغ باغرىدا ئولتۇرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ كۆچەت تىكىشكە كىرىشىدۇ. ئالتاي شەھەرلىكباغ ئورمان كۆكەرتىش باشقارمىسى قاقاس تاغ ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ شياڭ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلغاندىن باشقا گېنېرال تېغىدا ئاسما كۆۋرۈك، سۈنئىي كۆل ۋە تاماشا سۇپىسى ياسىدۇق، يەنە گېنېرال تېغى باغچىسى قۇردۇق. ھازىر ئالتاي شەھەر ئاھالىلىرى ھەپتە ئاخىرلىرى ھاۋا ياخشى بولغاندا، ئائىلە بويىچە گېنېرال تېغىغا بېرىپ ئارام ئالىدۇ، دالا تامىقى يەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئالتاي شەھىرى 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ گېنېرال چوققىسىنى ياسايدىكەن، گېنېرال تاغلىق رايونىدىكى 10 مىڭمو قاقاسلىقنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئالتاي شەھەر رايونىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدىكى يۈز مىڭ مو قاقاس تاغنى يېشللاشتۇرىدىكەن. قاقاس تاغ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئالتاي شەھىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئورمان شەھىرىگە ئايلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر