باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قۇملۇق گۈللىرى» جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىگىلىك ياراتتى

2017.09.13 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر تۈركۈم ئايال يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، كارخانىچىلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىنى جانلاندۇردى. ئۇلار بوستانلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  50 نەچچە ياشقا كىرگەن جاڭ جيەنلىڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر دورا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. 2009-يىلى ئۇ يەرلىكتىكى كونا بىر دورا زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، ئاجياۋ يەنى ئېشەك يېلىمى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئېشەك تېرىسى يېتىشمىگەنلىكتىن ، ئۇ يەنە ئېشەك كۆپەيتىش مەركىزى ، بوز يەر ئېچىپ يەم خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇغداي بىلەن كۈدىنى پەرق ئېتەلمەيتىم، ھازىر ئېشەك بېقىش ئۈچۈن بۇغداي، بېدە تېرىدىم. دەسلىپىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ ، ۋاز كېچىشنى ئويلاۋاتقىنىمدا شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى ياردەم قىلدى.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرى شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە شاڭخەيدىكى بىر دۆلەت كارخانىسى جاڭ جيەنلىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېشەك يېلىمىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە جاڭ جيەنلىڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش كەسپىنى تۇتاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ھازىر جاڭ جيەنلىڭنىڭ كارخانىسى يەرلىككە 100 ئىش ئورنى ياراتتى.

  يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 152 نى كىرگۈزۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەدە كۆلىمى 11.55 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سانائەت باغچە رايونىدىن تۆتنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇنىڭغا 9 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭنىڭ ئۆز جايىدىكى ئايال يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردىن باشقا يەنە قىسمەن شەرقىي رايوندىكى ئايال كارخانىچىلارمۇ يولنى يىراق كۆرمەي شىنجاڭغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىدى. 2010-يىلى شاڭخەيدىكى بىر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى رېن چاڭيەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ پوسكام ناھىيەسىدە شىركەت قۇردى. بۇ كارخانا قەشقەر ۋىلايىتىگە ماكانلاشقان شاڭخەينىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى تۇنجى كارخانىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھازىر پوسكام سانائەت باغچە رايونىدا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ 1200 مو ئورگانىك چىلان بازىسى، 340 مو ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ باغچىسى بار، شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان تەخمىنەن 200 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، پەسىللىك ئىشچىسى 1000 دىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر