باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 2019-يىلىغىچە يېزىلاردىكى نۇقتىلىق خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئورۇنلايدۇ

2017.09.13 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەر قاتارلىق 4 تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ 2019-يىلىغىچە ئاساسەن ئورۇنلىشى، 2020-يىلىغىچە ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز قوللايدىغان يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوبيېكتلارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ۋە نامرات مېيىپ ئائىلىلەردىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلار ئىچىدىن ئۆيلىرىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك. C ۋە D دەرىجىلىك خەتەر ئۆي دەپ بېكىتىلگەن 4 تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئوبيېكتلىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەرنى تۇرالغۇسىدىن چېكىندۈرگەندە مۇنداق ئاساسىي سۈپەت تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك. تاللىغان يەر بىخەتەر بولۇش، ئۇلى پۇختا بولۇش؛ ئاساسى ئىشەنچلىك بولۇش، قۇرۇلمىسى مۇقىم بولۇش، تەلىپىنى قاتتۇق قاندۇرۇش؛ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلما تەدبىرلىرى تولۇق بولۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ ئاسراش قۇرۇلمىسى ۋە قۇرۇلمىدىن باشقا ئەسلىھەلەر بىلەن ئاساسىي قۇرۇلمىسى مەھكەم باغلانغان بولۇش، بىناكارلىق ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى لاياقەتلىك بولۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر