باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2375-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2017.09.13 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 11-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى مەسىلىسى توغرىسىدا بىردەك 2375-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى ماقۇللىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 12-سېنتەبىر بۇ توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوللانغان زۆرۈر تەدبىرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش- جۇڭگونىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جۈملىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىكى ئىزچىل مەيدانى. يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئالاقىدار تەرەپلەر تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشى، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشنى قايتىدىن باشلىشى كېرەك. چاۋشيەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىگە ئەمەل قىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساداسىغا ھۆرمەت قىلىشى، يەنە داۋاملىق يادرو ئوق بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا، كورېيە قاتارلىق تەرەپلەرمۇ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەرىكەتتىن ساقلىنىشى كېرەك. يېرىم ئارال مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش كېرەك، ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى يوق، جۇڭگو يېرىم ئارالدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر