باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.09.13 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-سېنتەبىر ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگو ئىقتىسادى %6.9 ئاشتى، كېلەركى يېرىم يىلدا ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتەك ۋەزىيەت داۋاملىشىدۇ. بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار.

  يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچەيدى، ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق. بۇ ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرنىڭ پايدىسىدىن شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشى، سودا مۇھىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىشى ۋە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشىغا كۈچلۈك مەدەت بولدى، باشقا دۆلەتلەرنى ئەينەك قىلىشقا بولىدىغان تەرەققىيات تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى. خەلقئارا ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر