باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى 4500 موغا يەتتى

2017.09.13 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاپ قالدۇرۇۋېتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كان رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتى ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، كانچىلىق گېئومۇھىتىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 50 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 4500 موغا يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، گېئولوگىيە باغچىلىرىدا قىسمەن كانچىلىق ھوقۇقى تەسىس قىلىنغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇھاپىزەت رايونلىرىدا كان ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، كانچىلىق گېئومۇھىتىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى بۇ يىل 8- ئاينىڭ 11- كۈنى «ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ۋە ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش چەكلەنگەن دائىرىدىكى كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، شۇ كۈندىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ۋە ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش چەكلەنگەن دائىرىدىكى كانچىلىق ھوقۇقى 3 باسقۇچقا بۆلۈپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ ۋە تۈرگە ئايرىپ رەتلىنىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

  نۆۋەتتە تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە. ئاپتونوم رايون تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ، بۇ ھوقۇقلار ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ، ئاپتونوم رايون بىر قىسىم تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى «كانچىلىق گېئومۇھىتىنى ئاسراش ۋە تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش تۈزۈمى»، «قېزىلما بايلىق ساھەسىدىكى كىنىشكىسىز ئېچىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى لايىھەسى» قاتارلىقلارغا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى، تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ قىزىل سىزىق»نى پۇختا ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر