باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ كاپىتالى شىۋېيتسارىيەلىك ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ئىقتىسادى جەھەتتە مەدەت بەردى

2017.09.13 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىۋېيتسارىيە چوڭ سىيۇرىخ رايونى ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مەسئۇلى لۇكاس خۇبو يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كاپىتالى شىۋېيتسارىيەلىك ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ئىقتىسادى مەدەت بېرىپلا قالماستىن، شىۋېيتسارىيەنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىگە ياردەم بەرمەكتە.

  خۇ بو جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا خۇاۋېي شىركىتى بىلەن سىيۇرىخ فېدېراتسىيە تەبىئىي پەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئالىي مەكتەپ فوندى ئاستىدىكى ئاۋانگارت ئالىملار پىلانى ئارقىلىق ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سودا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  خۇ بو مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارنىڭ جۇڭگودا ھەمكارلىق شېرىكلىرىنى تېپىشىغا ياردەم بەرگىلى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگودىن ئىبارەت يەر شارىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ بازارنىڭ بىرىگە ئوڭۇشلۇق كىرگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر