- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر مىليونچە پەلەستىنلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2017.09.13 14:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن تىنچلىق ئورگىنى بولغان پاسىل تام ۋە يەھۇدىيلار مەھەلىسىگە قارشى تۇرۇش ئورگىنىڭ مەسئۇلى ۋالىد ئاساد، 11- سېنتەبىر پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسقا بىر مىليونچە پەلەستىنلىك ئىمزا قويغان بىر پارچە خەتنى سۇندى. خەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا بولغان ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشكە ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشقا ياردەم بېرىشى مۇراجىئەت قىلىنغان.
ئۇ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىمزالىق خەت، پاسىل تام ۋە يەھۇدىيلار مەھەلىسىگە قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدىن تۈزۈلگەن لايىھە بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدە تىزدىن تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت قۇرۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلەش. بۇ ئورگان بۇندىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى، ئىمزا يىغىشنى باشلىغان بولۇپ، پەلەستىننىڭ ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بولۇپمۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قويۇشىغا ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر