باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەنىڭ سانائەت مىنىستىرى: يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كېڭەيتىشكە يول يىراق ۋەزىپە ئېغىر

2017.09.13 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەنىڭ سانائەت ۋە سودا ئالاقىسى مىنىستىرى پې كۇنكۇي 11-سېنتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئورنىغا ئالماشتۇرۇشقا يول يىراق ۋەزىپە ئېغىر، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى يېقىندىن ھەمكارلىشىش بىلەن بىرگە، ئەل رايىغىمۇ ئېتىبار بەرمەك لازىم» دېگەن.

  زۇڭتۇڭ مۇن جائىننىڭ «2030-يىلى يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى %20 كېڭەيتىش» سىياسىتىگە قارىتا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ بىر ئاددىي نىشان ئەمەس، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى يېقىندىن ھەمكارلىشىشى لازىم. يادرو ئېنېرگىيەسىدىن قۇتۇلۇش مەسىلىدە خەلقنى قايىل قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بۇ نىشانغا بالدۇرراق يەتكىلى بولىدۇ».

  ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، تاشقى قىسىمدىكى يۈرۈتكۈچىلەرنىڭ باشقا جايدا بۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشىكەن. كەلگۈسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغان، يەرلىكتىكى كىشىلەر پايدا ئالىدىغان ئايلىنىشى ياخشى كەسىپ زەنجىرى قۇرۇپ چىقىشى لازىمكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېنېرگىيە سىياسىتى قانداقتۇر نوقۇللا <يادرو ئېنېرگىيەسىدىن قۇتۇلۇش> ئەمەس، كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى كەسىپ بىلەن بىرىكەلەيدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشى كېرەك. كورېيەنىڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىمۇ ئېنېرگىيە بىلەن تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈشنى كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى قىلىشى لازىم».

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى: «ھازىر تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئېلېكتىر كۈچى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي پىلانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ ئادىل، ئاشكارا، كەسپىي بولۇشقا يۈزلەنمەكتە».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر