باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە

2017.09.14 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدىن ئىلھاملىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تەشۋىقاتچىقسى گۈلبەھرەم مەمەت مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، «پارتىيەگە ئەگىشىش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقىنى قوغداش»، «جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 96 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەش»، «قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردىكى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، رازىمەنلىك تۇيغۇسى، ئاڭلىقلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق. تەشۋىقات مەركىزىدىكى بارلىق خادىملار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى دولان كەنت ئاھالىسى ئانارگۈل مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. كەنتىمىزنىڭ يوللىرى ياسىلىپ، قاتناش ئىشلىرىمىز تېخىمۇ قۇلايلاشتى. بالىلىرىمىز يەسلى ۋە مەكتەپلەردە ھەقسىز تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. بىز پارتىيەدىن ئىنتايىن مىننەتدار. پارتىيەگە ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، قانۇن-تۈزۈمگە رېئايە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالىمىز.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن گۈلجامال تۇردى مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەكتىپىزنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە شارائىتىمىز ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھازىر مائارىپ ئىشلىرىمىزدا ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، يوقىرى ساپالىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

  ئاۋات ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىدىن مەريەم دولقۇن مۇنداق دېدى: مەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھرىدە ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش -تەربىيەلىنىشتە بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىياتنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىشى ئارقىلىق ناھىيەمىزدىكى تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنلىرى كىرگۈزۈلۈپ، داۋالاش شارائىتىمىز ئىنتايىن ياخشىلاندى. بىز كېسەللەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق كۈتۈۋالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر