باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قېرىنداشلىق مېھرى يۈرەكنىڭ قېتىدىن بولىدىكەن»

2017.09.14 14:48   مەنبە: خەلق تورى

«قېرىنداشلىق مېھرى يۈرەكنىڭ قېتىدىن بولىدىكەن»

  سۈرەتتە: ياسىن ئىسلام ياڭ ليۇخې (سولدا) بىلەن بىرگە ئېتىزلىقتا پاراڭلاشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياركۆۋرۈك يېزىسى توققۇزاق كەنت 4- مەھەللىسىدىكى بوز يەر ئاچقۇچى ياڭ ليۇخېنىڭ دېھقان ياسىن ئىسلامنى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ، باي بولۇشقا يېتەكلىگەنلىكىدەك قېرىنداشلىق ھېكايىسىنى مەھەللىدىكى ھەممەيلەن بىلىدۇ.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جياۋياڭ شەھىرىدىن 1991-يىلى شىنجاڭغا كەلگەن ياڭ ليۇخې دەسلەپتە قۇمۇلدا، تۇرپاندا، ئۈرۈمچىدە، كېيىن ئاقسۇدا ئۆي بېزەكچىلىكى قىلغان. 2015-يىلى ئاپرېلدا، ئۇچتۇرپانغا يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، يېڭى كەلگەندە ھېچنېمىسى يوق ياڭ ليۇخې ئاچماقچى بولغان يېرىنىڭ يېنىدىكى يەردە تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياسىن ئىسلام بىلەن دەسلەپكە قەدەمدە تونۇشىدۇ. ياسىن ئىسلام تۇنجى پاراڭلاشقاندا ياڭ ليۇخېنىڭ گېپىنىڭ ئاران 5%نى ئاڭلاپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا تىراكتور كېرەكلىكىنى بىلىدۇ ھەمدە ئوغلى تۇرسۇننى تىراكتورىنى ھەيدەپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە بۇيرۇيدۇ، بەزىدە تىراكتورىنى ئىشلەتمىگەندە، ياڭ ليۇخېنىڭ ئۆيىگە توختىتىپ قويىدۇ.

  ھېچكىم بىلەن تونۇشمايدىغان، بۇ يەرگە يېڭىياچە ياڭ ليۇخې ئىشنى ئالدى بىلەن ياسىن ئىسلامنىڭ تىراكتورى بىلەن باشلايدۇ. يەر ئاغدۇرۇش، ئوسا قىلىش، ئۇرۇق سېلىش ئىشلىرىدا ياسىننىڭ تىراكتورى بەك ئەسقاتىدۇ. ياسىنمۇ پات - پات كېلىپ بۇ قوشنىسى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. يەرلىك شېۋىدە سۆزلەيدىغان ياڭ ليۇخېنىڭ گەپلىرىنى ياسىن باشتا زادىلا چۈشەنمىگەن بولسا، كۆپ پاراڭلىشىش ئارقىلىق گېپىنىڭ مەنىسىنى بارا - بارا چۈشىنىدىغان، ھەتتا خېبېي تەلەپپۇزىدا خەنزۇچە سۆزلەيدىغان بولۇپمۇ قالىدۇ. ياڭ ليۇخېمۇ ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەننىڭ قوشنىدارچىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بەزىدە ياڭ ليۇخې كەچ قالسا ئۆيىگە قايتماي، ياسىننىڭ ئۆيىدە قونۇپمۇ قالىدۇ. بۇ يىل چاغاندا ياڭ ليۇخې ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ياسىنغا تاشلاپ قويۇپ، يۇرتىغا تۇغقان يوقلىغىلى كېتىدۇ.

  __ يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈپ ئىش ئىزدەپ يۈرمەيدىغان بولدۇم. ئاچقان 75 مو يېرىم بار، ياسىن ئىسلامنىڭ يېرى مېنىڭ يېرىم بىلەن قوشنا. ئالدىنقى يىللىرى قارىسام ئۇ يېرىگە بۇغداي ياكى قوناقلا تېرىيدىكەن، بۇغداي، قوناقلىرىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىمۇ دېگەندەك بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بۇلتۇر يىل ئاخىرى يېرىڭنىڭ بىر قىسمىغا يېسسىۋېلەك تېرىغىن، كۆكتات تېرىش زىرائەت تېرىشقا قارىغاندا ئاسانراق ھەم كىرىمىمۇ كۆپ، ياخشى بولىدۇ، دەپ مەسلىھەت بەردىم. ئۇمۇ دېگىنىمدەك قىلىپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىگەنىدى، بۇ يىل كىرىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى،- دېدى ياڭ ليۇخې ماڭا.

  ___ كەنتتە بۇرۇندىن تارتىپ ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، تاۋۇز، كۆپ بولسا شوخلا تېرىيتتۇق. لاۋ ياڭ ماڭا يېرىڭگە يېسسىۋېلەك تېرىپ باق، يەر ياخشى ئىكەن، مو بېشىدىن 5000 يۈەنلىك يېسسىۋېلەك ساتقىلى بولىدۇ، دېۋىدى، ئۇنىڭ گېپى بىلەن يېسسىۋېلەك تېرىدىم. بۇ يىل ئەتىيازدا يېسسىۋېلەك تېرىۋاتساق مەھەللىدىكىلەر سەن ساراڭمۇ، قوشنا كەنتتىكىلەر قىزىلچا تېرىپ ساتالمىدى، يېسسىۋېلىكىڭنى كىممۇ ئالىدۇ، دېدى. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم-يۇ، لېكىن يەنىلا تېرىۋەردىم، دەسلەپكى قەدەمدە 20 مو يېرىمنىڭ ئۈچ موسىغا تېرىدىم. يېسسىۋېلەكلەر ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇ ماڭا قانداق پەرۋىش قىلىشنى ئۆگەتتى. خېلى ئىشلەپ يۈرۈپ يېسسىۋېلەكلەرمۇ بەك ئوخشىدى، لېكىنزە شۇ يامغۇر تولا يېغىپ سېسىپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ مانا ئىيۇننىڭ بېشىدىن باشلاپ يېسسىۋېلەكلەر بازارغا كىرىشى بىلەنلا مو بېشىدىن 2800 يۈەندىن كىرىم قىلدىم. ئالدىنقى كۈنى ئېتىزدىكى يېسسىۋېلەكنىڭ ھەممىسىنى پاك - پاكىز سېتىپ بولدۇم، بۇرۇن بۇ ئۈچ مو يەرگە قوناقلا تېرىيتتىم، كىرىمىمۇ 3800 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، ھازىر 9000 يۈەنگە يەتتى، بۇنى كۆرۈپ ئۆتكەندە مېنى مازاق قىلغانلارنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى،- دېدى ياسىن ئىسلام كۈلۈپ كېتىپ،- نۇرغۇنلىرى كېلىپ مەندىن يېسسىۋېلەكنى قانداق تېرىيدىكەن، قانداق پەرۋىش قىلىدىكەن، دەپ سوراپ كەتتى.

  ___ بىز ئىككىيلەن ئۆيلەرگە بېرىشىپ تاماق يېيىشىمىز، ئۇ تەييار چۆپ بىلەن قورۇما قورۇشقا ئۇستىكەن. بەزىدە ئۇ ئەتكەن تاماقنى يېگىلى بارىمەن. ئۇمۇ پات - پات ئۆيۈمگە تاماق يېگىلى كېلىدۇ. ئۆيدە ياخشى تاماق ئەتكەن كۈنلىرىمىز ئوغلۇمنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىشكە بۇيرۇيمەن. لاۋ ياڭ تۈنۈگۈن ئېتىزىمنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇشقا ياردەملەشتى. بۇغدايدىن بوشىغان بەش مو يەرگە داۋاملىق يېسسىۋېلەك تېرىماقچى. تېرىغان يېسسىۋېلەكلەر مۆلچەرىمچە كۈزدە بازارغا كىرسە خېلى كىرىم بولىدۇ،- دېدى ياسىن ئىسلام ماڭا.

  __ بۇلتۇر تېرىقچىلىق باشلانغاندا يېنىمدىكى ئىقتىساد تازا يېتىشمەي قالغان ئىدى، ئۇ بۇنى بىلىپ ماڭا 10 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، قوشنا مەھەللىدىكى جاڭ گۇيپىڭ دېگەن يۇرتدىشىغىمۇ بانكىدىن 10 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بەردى. ئېتىزىمدا چۆپ ئوتايدىغان ئىش بولسا ئۇ ئايالى، بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا ياردەملىشىدۇ. ئۇ يازغى بۇغدىيىنى ئېلىپ بولغاندا، مەن بېرىپ قالغان ئىشلىرىغا ياردەملىشىمەن. بۇ ياقا يۇرتتا ئۇنىڭدەك ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ بولغىنىدىن مەن بەك خۇشال. قېرىنداشلىق مېھرى ئەسلى ئېغىزدىلا ئەمەس، يۈرەكنىڭ قېتىدا بولىدىكەن،- دېدى ياڭ ليۇخې ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى