- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى گىراينىڭ ئۆلۈم دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچىلارنى ئەيىبلىمەيدىغان بولدى
2017.09.14 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساقچىلار قولغا ئالغاندىن كېيىن ئەجەلسىز ئۆلگەن، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ياش فرەددي گراي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادۋوكاتى بېل مورفىينىڭ 12-سېنتەبىر دەلىللىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى تاپشۇرۇۋالغان ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، دېلوغا چېتىشلىق ئالتە ساقچىنىڭ ئەرز قىلىنمايدىغانلىقى ئېيتىلغان، بۇ، 25 ياشلىق ياشنىڭ ئۆلۈمىگە ھېچكىمنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بىراق، دېلوغا چېتىشلىق ساقچى ئىچىدە بەش كىشى ئىچكى ئىنتىزام جازاسىغا دۇچ كېلىدىكەن، ئالاقىدار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، گىراي قانۇنسىز تىغلىق ئەسۋاب ئېلىپ يۈرگەنلىك سەۋەبلىك، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بالتىموردا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، ساقچى ماشىنىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىش جەريانىدا ئومۇرتقىسى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ساقچىلارنىڭ زورلۇق كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە بولغان غەزەپلىك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، نامايىش بىر مەزگىل كەڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىققا ئايلانغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، مارىلاند ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى دېلوغا چېتىشلىق ئالتە ساقچىنى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش، خىزمەتتە خاتالىشىش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش قاتارلىق جىنايەت نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى لورېتتا لىنچ ساقچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن، بالتىمور شەھەرلىك ساقچى تەرەپنى رەسمىي تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلغان ئىدى.
سوتچىلار دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ ساقچىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، 2016- يىلى 7-ئايدا، مارىلاند ئىشتاتلىق تەپتىش تەرەپ باشقا ئۈچ ساقچىنى ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر