باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرى بومبا تېلېفوننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2017.09.14 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلىرى تۈنۈگۈن بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى نامسىز دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنىڭ ئاۋارچىلىقىغا ئۇچرىغان، مۇخبىر خەۋەر يوللىغانغا قەدەر پايتەخت موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 شەھەرنىڭ 190دىن ئارتۇق يېرىدە يەنىلا بومبا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.

  ئۇنىۋېرسال رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان پېترو پاۋلوۋسىكى شەھىرى شۇ كۈنى بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن نامسىز تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇ جايدىكى مەكتەپلەر، سودا مەركەزلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ بىنالىرىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئارقىدىن موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېلېفونلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خەۋەرلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قىسمەن نامسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونلىرى خەلقئارادىكى ساختا تىجارەت سودىگىرى تېلېفونلىرىدىن بېرىلگەن يەنە كېلىپ مەلۇم ۋىرۇس پىروگراممىسىدىن پايدىلىنىلغان بولۇشى مۇمكىن، قىسمەن تېلېفونلار ئۇكرائىنادىن ئۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر