باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەخمۇت غوجەك

2017.09.14 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ماڭا چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى، مەن ئاددىي ئىشچىدىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلەمدىكىلەر پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە شەرەپلىك ھالدا كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتىمىز. ھەر قېتىم ھەربىي، مۇخبىر ۋە دوختۇر بالىلىرىمنى تىلغا ئالغىنىمدا، ئاتا بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئانا ۋەتىنىمنىڭ تەربىيەلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى: شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، پارتىيەنىڭ شەپقىتى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر. ئەگەر پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى بولمىغان بولسا، نەدىمۇ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، باياشاتلىقى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشى، ئائىلەمنىڭ خۇشاللىقى، ئىناقلىقى بولسۇن؟

  ئىلگىرىكى كۈنلىرىمىزنى ئويلاپ، ھازىرقى كۈنلىرىمىزگە قاراپ باقساق، ئۆزگىرىشنى ئالەمشۇمۇل دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ئىلگىرى تۇتاش كەتكەن چۆل- جەزىرە، تار يول بار ئىدى، قىشتا مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىنىدىغان كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق، ھازىر چۆل- جەزىرىلەر ياپيېشىللىققا پۈركەندى، قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدىغان بولدى، كەڭ ئاسفالت يوللار ياسالدى، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، شۇنداقلا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىندى، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى شىنجاڭ زېمىنىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەنە ھەقسىز «قوش تىل» يەسلىلىرى ۋە مەكتەپلەر بار بولدى، بالىلار ئازادە، يورۇق دەرسخانىلاردا بىلىم ئېلىپ، بالىلىق دەۋرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بۇ، نېمىدېگەن ياخشى ھە! بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىنىۋاتىدۇ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قاراتقان ياخشى سىياسىتىدىن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خالىس تۆھپە قوشۇشى، كۈچەپ ياردەم بېرىشىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دانا تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن كەلگەن، شىنجاڭنىڭ كەڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. مۇشۇنداق كۆپ ياخشى سىياسەت، ئەلنى مايىل قىلىدىغان تەدبىرلەر بىزنى خۇشال قىلدى، رىغبەتلەندۈردى، تېخىمۇ مىننەتدار قىلدى.

  ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» قارىغۇلارچە سۆزلەپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ سىڭىپ كىرىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋەتمەكچى بولدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز! «ئۈچ خىل كۈچ» ھامان ھالاك بولىدۇ! ھازىرقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا پاتقان دۆلەتلەرگە قاراپ باقايلى، كىشىلەر ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتا، ئۇلارنىڭ ھالى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق، بۇنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايمەن! قېرىنداشلار، بىز ياخشى ئويلاپ باقايلى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئانا ۋەتىنىمىز بىزگە شۇنچە بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلىۋاتسا، بىز قانداقسىگە ئاشۇ ئالۋاستىلارغا ئەگىشىپ ۋەتىنىمىزدىن ۋاز كېچىمىز؟ زوراۋان- تېررورچىلارغا ئوخشاش ۋاپاسىزلىق قىلساق بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش يامان غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويساق بولامدۇ؟

  مۇقىملىق، ئىناقلىق − بەخت، قالايمىقانچىلىق، بۆلگۈنچىلىك − ئاپەت. بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، دادىللىق بىلەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلق تەرەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارمىقىدا ئىشلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسى ۋە قەبىھ قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ دېگەندەك ھالغا چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزۈمنىڭ «قوش تىل» جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا تارقىتىپ، مىللەتلەر ئارا دوستانە ھېسسىيات، ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، «ساداقەتمەن، پاك، مەسئۇلىيەتچان» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى ۋە ئۈلگىسى بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر