باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2017.09.14 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساياھەت − ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىدا بىر-بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشتىكى مۇھىم يول، ئۇ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشقان ئۇنىۋېرسال تۆھپىسى ٪10 تىن ئاشتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگودىن 700 مىليون ئادەم (قېتىم) چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت، گۈزەل تاغ-دەريا، كۆپ خىل ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە، ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، ساياھەت قىلغاچ ئارام ئېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ساياھەت ئالاقە-ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينىماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا ساياھەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر