خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردىكى بىر خۇسۇسىي دىنىي مەكتەپتە 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 21 ئوقۇغۇچى، ئىككى ئوقۇتقۇچى قازا قىلدى. مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب رازاق شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئوت مۇداپىئە تارماقلىرى ۋە ساقچى تەرەپ ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر سائەت بەشتىن 41 مىنۇت ئەتراپىدا دېلو قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 25كە يەتتى. مالايشىيا ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇر رەشىد ئىبراھىم شۇ كۈنى كەچتە، ئوت ئاپىتىدە 21 ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى ئوقۇتقۇچى قازا قىلدى، قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى 13 ياشتىن 17 ياشقىچە، يەنە بەش كىشى يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر. ئۇندىن باشقا، يەنە بىر قانچە ئادەم ئوڭۇشلۇق قېچىپ قۇتۇلدى، دېدى.
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئۈچ قەۋەتلىك بىنا نادۇكلام كوچىسىدا بولۇپ، كۇئالا لۇمپۇر شەھەر مەركىزىدىكى قوش مۇنار بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتر كېلىدۇ. مەكتەپنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلاشقان نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتى نەق مەيدانى بەك قورقۇنۇچلۇق بولغان. ئۇلار ئەتىگەندىلا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغىنىنى ئاڭلىغان، ئارقىدىن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا دۆۋىلەنگەن كۆيۈپ كەتكەن جەسەتلەرنى كۆرگەن.
ساقچى تەرەپ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، ئوت كەتكەن قۇرۇلۇشتا ئوت مۇداپىئە يۇشۇرۇن ئاپىتى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى دېرىزىگە يېقىن جايدا كۆپ قىسىم قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى بايقىدى، دېرىزە سىرتىغا ئورنىتىلغان تۆمۈر چىۋىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېچىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئوت كەتكەن ئىمارەتنىڭ يۇقىرى قەۋىتى ئەسلىدىكى پىلاندا ئوچۇق شەكىللىك بولۇپ، ئىككى قېچىپ قۇتۇلۇش يولى چىقىش ئىشىكىگە تۇتىشىدىكەن. لېكىن كېيىن يېڭىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تام كۆپەيتىپ سېلىنىپ، ئۈستىدىكى قەۋىتىنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەچكە، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان پەقەت بىرلا يول قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى