باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىلىق دەرىجىسى %90تىن ئاشتى

ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈردى

2017.09.18 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە تۈپ يولى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىلىق دەرىجىسىنى 2012-يىلدىكى %87.55 تىن 2016-يىلى %91.99 كە كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلغان، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆپ تەرەپلىك تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇستەھكەملىدى. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى 4-ئايدا «جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، ھەر تەرەپ تىزگىنلەپ ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار تەڭ تۇتىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر پائال قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى بېكىتتى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2016-يىلى 3-ئايدا «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مۇكاپات-جازا ئېنىق ئايرىلغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە باھالاش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش، جازالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتتى. جايلار، تارماقلار مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، رەزىل كۈچلەر، قورال-ياراق ۋە پارتلىتىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، يوشۇرۇن سەرراپخانا، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى، ئاممىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرز قىلىش، زەھەر ياساپ سېتىش، مەكتەپ زوراۋانلىقى، ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك قانۇنسىز جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەپ، يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ۋە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئازلىتىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىلىق دەرىجىسىنى يىلمۇ يىل ئاشۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر