باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گاۋ فېڭ جۇڭگو-چاۋشيەن سودىسى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

2017.09.15 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو-چاۋشيەن سودىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقى، كورېيەگە «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ سودىسىنىڭ ئېشىشى تەدرىجىي ئاستىلىغان، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.2 پىرسەنت ئېشىپ، بىرىنچى پەسىلدىكىدىن 21 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ چاۋشيەندىن قىلغان ئىمپورتى 3-ئايدىن باشلاپ مەنپىي ئاشقان، ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16.3 پىرسەنت چۈشكەن. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئايدىن 8-ئايغىچە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ سودىسىنىڭ ئېشىشى يەنىمۇ ئاستىلىشى ھەمدە 10 پىرسەنتتىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

  جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان چاۋشيەنگە چېتىلىدىغان قارارنى ئىزچىل ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئىجرا قىلدى. سودا مىنىستىرلىقى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 12-سېنتەبىر ماقۇللىغان يېڭى قارادىكى ئىقتىساد-سودا ساھەسىگە چېتىلىدىغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدىكى كونكرېت يولغا قويۇش تەدبىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىدۇ.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا «ساد»نى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئالتە ماشىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش تەييارلىقى قېلىپىغا كىرىپ بولغان، بۇ ھەقتە گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيەنىڭ «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، كورېيەنىڭ جۇڭگونىڭ زور ۋە ھەققانىي مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ياخشى كەيپىيات ۋە مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر