باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلولىرى ئىچىدە %40ى ئائىلە زوراۋانلىقى ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا ئاشنا تۇتۇشقا چېتىلىدۇ

2017.09.15 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 14- كۈنى، بېيجىڭ 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «ئۆي ئىشلىرىغا چېتىشلىق ماجىرانى كەسىپلەشكەن سوت قىلىشنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان ھەر خىل ئائىلە ماجىرا دېلولىرى 2316گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلوسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 70- يىللاردىن كېيىن ۋە 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجراشقان كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلاندى. ئاجرىشىش دېلولىرى ئىچىدە، تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە زوراۋانلىقى ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا ئاشنا تۇتۇش مۇھىم سەۋەبلەردىن بولۇپ قالدى.

  2014- يىلى 3- ئايدا، بېيجىڭ 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن شەھەردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن ئائىلە ماجىراسى دېلولىرىغا كەسىپلەشكەن سوت كوللېگىيەسى قۇرۇپ قاراپ چىقىپ، ئائىلە ماجىرا دېلولىرىنى كەسىپلەشكەن ئۇسۇلدا سوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، بېيجىڭ 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان ھەر خىل ئائىلە ماجىرا دېلولىرى 2316گە يەتتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشچە، سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان بارلىق ئائىلە ماجىراسى دېلولىرى ئىچىدە، تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلوسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 853گە يەتكەن، ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسى 639گە، ئۆي-بىسات بۆلۈشۈش ماجىراسى 279گە، ئاجراشقاندىن كېيىنكى مال-مۈلۈك ماجىراسى 267گە ۋە بېقىش ماجىراسى 93گە يەتكەن، يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك دېلو بارلىق دېلولارنىڭ %92نى ئىگىلىگەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلولىرىدىكى دېلو نامىغا ئائىت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئائىلە ماجىراسى دېلوسىغا ئائىت 20 خىل دېلو نامى بار. بېيجىڭ 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان دېلو ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىشى، ئۆي-بىسات بۆلۈشۈش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق بىر قانچە خىل دېلوغا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تويلىشىش مۇناسىۋىتى تۈرىدىكى ماجىرا ناھايىتى زور مىقدارنى ئىگىلىگەن، يەنى، بۇ خىل دېلولار بارلىق ئىككىنچى سوت دېلولىرىنىڭ %50نى ئىگىلىگەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشچە، تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلولىرى ئىچىدە، تويلىشىشتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار، مىجەزى ماس كەلمەسلىك، جىسمانىي كېسەل، ئائىلە زۇلۇمى، تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا ئاشنا تۇتۇش ۋە ئائىلىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار دېگەندەك سەۋەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا ئاشنا تۇتۇش دېگەنلەر تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بولۇپ قالغان. 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش ماجىرا دېلولىرى ئىچىدىكى 443 تۈرلۈك دېلونىڭ ئىچىدە، %45 دېلودىكى دەۋالاشقۇچىدا بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى، تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا ئاشنا تۇتۇش ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى سىرتىدا بىرگە تۇرۇش دېگەندەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبنى باھانە قىلىپ كۆڭۈلسىز بولۇشتىن تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغانلار ئىكەن.

  ئاجراشقانلارنىڭ يېشىدىن قارىغاندا، 70-، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجراشقان ئاساسلىق كىشىلەر توپىغا ئايلانغان، 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش دېلولىرى ئىچىدىكى 886 ئادەمگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ 443ى تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجرىشىش ماجىرا دېلوسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان دەۋالاشقۇچىدىن 326سى، 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان دەۋالاشقۇچىدىن 294سى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر