باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسى «توقسۇ. لىشۈي رىشتىسى» تېمىسىدا گۈلخان مەشرىپى كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2017.09.18 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن سىدىق مىجىت، ۋاڭ جۈن خەۋىرى) جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، يېقىندا توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرىنىڭ جاي كەنتىدىكى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا «توقسۇ. لىشۈي رىشتىسى» تېمىسىدىكى گۈلخان كېچىلىكى مەشرىپى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى .

  بۇ قېتىمقى گۈلخان كېچىلىكىدە، توقسۇنىڭ ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇلى، مىللىي چالغۇلاردا ئورۇندالغان ناخشىلاردا جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت نەتىجىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى قويۇق ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىندى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىن رىزۋانگۈل ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى گۈلخان مەشرىپى كېچىلىكى پائالىيىتى ئارقىلىق جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى بىلەن توقسۇ ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىز بۇ پائالىيەتتىن ناھايىتى ھۇزۇر ئالدۇق، بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  بۇ قېتىملىق گۈلخان كېچىلىكى مەشرىپىگە جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىكىلەر، توقسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە ئىچئېرىق بازىرىنىڭ جاي كەنتىدىكى دېھقان ئامما ۋەكىللىرى بولۇپ 500دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر