باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا لۇغەت سوۋغا قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردى

2017.09.18 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) «20-قېتىملىق دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش، ئاممىنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنىلىقىغا ئىلھام بېرىش ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئونسۇ ناھىيەسى جام بازىرى تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىگە بىر دانىدىن «شىنخۇا لۇغىتى» تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، «قوش تىل» سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردى.

   خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار يىل بېشىدا كەنت دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدە «قوش تىل» ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلىپ، كۇرسانتلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم «قوش تىل» دەرسى ئاڭلاش، ئايدا بىر سىناق ئېلىشتەك «قوش تىل» ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى لۇغەت سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، كۇرسانتلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش قىزغىنىلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر