باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن شېنجېن مىسىيۇ-بىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2017.09.14 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن شېنجېن مىسىيۇ-بىت (تولۇق ئاتىلىشى: شېنجېن بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى-موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىكتە شېنجېن مىسىيۇ-بىت ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشى مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، بۇ مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، شېنجېن مىسىيۇ-بىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر