باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.14 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى 3-تەرەپ باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇھىم قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ـــ ھۆكۈمەتنىڭ ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. مەملىكەت بويىچە ئۇدا ئۈچ يىل قانات يايدۇرۇلغان چوڭ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن يېقىندا يەنە 18 ئۆلكە (شەھەر، ئاپتونوم رايون)نى نەق مەيداندا تەكشۈردى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەر، مۇھىم ۋەزىپە قاتارلىقلارنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، روشەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. تەكشۈرۈشتە يەنە قىسمەن جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، جايىدا ئىشلىمەسلىك، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە بانكا ئىسچوتى ئىچىش قاتارلىقلارنى ئۇزاق ۋاقىتتا تەستىقلاش، كارخانىلارغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم چەكلىسىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا توسالغۇ كۆپ بولۇشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، بايقالغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «تاياقسىمان پولات» ئىشلەپچىقىرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن قالاق پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بايقالغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ ۋە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار چىڭ تۇتۇپ تەدبىر تۈزۈپ، قىسمەن ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئىلمىي جەمئىيەت قاتارلىقلاردا ساقلانغان تەكرار، يۇقىرى ۋە چەكتىن ئاشقان ھەق ئېلىشلارنى رەتكە سېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىشى كېرەك. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى ئىمكانقەدەر تېز ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قىسمەن مەركەز خامچوتىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەڭشەش ئۆلچەملىك بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان مەبلەغ تۇرۇپ قېلىش، تۈر قۇرۇلۇشى چېرتيوژىنى بىرلىكتە تەستىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئىككىنچى، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى جايلارنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى تىپىك تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تەكشۈرۈش جەريانىدا جايلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش كېرەك. قانۇن-تۈزۈملەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدىغانلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دەرھال يولغا قويۇپ، دەرھال تۈزىتىشكە بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرىقى تۈزىتىش ئەھۋالىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىش كېرەك. مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دائىملىق تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىشتەك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر