باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭدا بالىلارنى ئالداپ سېتىش پەۋقۇلئاددە زور دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2017.09.15 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلغان جاڭ ۋېنچى، دۇڭ شاۋجۈەن قاتارلىق 18 كىشىنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ۋە فېڭ چۇنپىڭ، جۇڭ شياۋفاڭ قاتارلىق سەككىز كىشىنىڭ ئالداپ سېتىلغان بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتى دېلوسىغا يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى.

  ماۋمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ دېچى قاتارلىقلار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ فۇنىڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا بوۋاققا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۇڭ شاۋجۈەننىڭ تۇرالغۇسى قاتارلىق ئېلىپ-سېتىش ئۇۋىسىغا ئېلىپ بېرىپ، دۇڭ شاۋجۈەن، چېن چەنجۈەن قاتارلىقلار ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشقان، لاۋ ياكۇەن قاتارلىق كىشىلەر توشۇش، كۆندۈرۈش، ھارام پۇلنى ئېلىش، سودا سورۇنى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتناشقان، ئالداپ سېتىلغان 10 بوۋاق 73 مىڭ يۈەندىن 98 مىڭ يۈەنگىچە باھادا فېڭ چۇنپىڭ قاتارلىق كىشىلەرگە سېتىلغان.

  دېلونى بېجىرگەن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، بۇ دىلونىڭ خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى يامان بولۇپ، جىنايەت شايكىسى كەسىپلەشكەن، ئالداپ سېتىلغان بوۋاقنىڭ سانى كۆپ، دېلو ئۆلكە ئاتلاپ سادىر قىلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

  قۇتقۇزۇۋېلىنغان بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماۋمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى نۇرغۇن كادىر-ساقچى ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، بوۋاقلار پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ يوقلاپ، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالداپ سېتىلغان بوۋاقلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بالدۇرراق قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ماۋمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماۋمىڭ رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى جىنايى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى يېزىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەخسۇس ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر