باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇش باشلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنى خۇش قىلدى

2017.09.18 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، ئونسۇ ناھىيەسىدە بۇ يىل يېڭىدىن سېلىنغان 80 ئورۇندىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى قوش تىل يەسلىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى.

  9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئونسۇ بازىرى «داۋشياڭ يولى» قوش تىل يەسلىسىدە، ئىشىكتىن كىرگەندىلا قويۇق بالىلارچە پۇراققا ئىگە رەسىملەرنىڭ كارىدورغا چاپلانغانلىقىنى، بالىلارنىڭ دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، دەرسخانىدا بالىلارنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۈنلۈك ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ

  ئاتا-ئانىلار يېڭىدىن سېلىنغان يەسلى ياتاق بىنالىرى، يېڭىچە ئوقۇتۇش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ، بۇ يەردىكى بالىلارنىڭمۇ ئىچكىرىدىكى بالىلارغا ئوخشاش مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەندى.

  بالىنىڭ ئاتىسى تۇرسۇن ياسىن: بالىمىز ھازىر بۇ يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، ياخشى مۇھىتتا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، مۇئەللىملەرمۇ ياشكەن، بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچىكەن، بىز چوڭلار ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇق، دۆلەت ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.

  بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى. ناھىيەدە 80 ئورۇندا قوش تىل يەسلىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھىيەدىكى ئوقۇش يېشىدىكى 10 مىڭ 189 بالىنىڭ يەسلى تەربىيەسىدىن بەھرىلىنىش مەسىلىسىنى بىر قېتىمدىلا ھەل قىلدى.

  بالىنىڭ ئانىسى پەرىدەم نىياز: ھەر كۈنى كەچتە مەن بالامدىن نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سوراپ تۇرۇمەن، ئۇ ماڭا مۇئەللىملەرنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگەتكەنلىكىنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى، نېمە تاماق يېگەنگەنلىكىنى دەيدۇ، مەن بەك رازى بولدۇم.

  بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە ئىگە قىلىشتا «داۋشياڭ يولى» قوش تىل يەسلىسى دەرسخانا ۋە كارىدور تاملىرىغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ نامى، ۋاقتىنى بالىلارغا بىلىش شارائىتى يارىتىپ بەردى.

  يەسلى باشلىقى ۋاڭ جىڭ: بىر ھەپتىدىلا بالىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا يەسلىنىڭ شارائىتىغا ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىپ كەتتى، يەسلىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ دۆلەت تىلىدا سۆزلەش، دۆلەت تىلىنى ئىشلىتىش بويىچە تەربىيەلەپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر