باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنگاپور يوقاپ كەتكەن جۇڭگولۇق كېمە خادىملىرىنى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتتى

2017.09.15 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپور دېڭىز ۋە پورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار 13-سېنتەبىر كېمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەن جۇڭگولۇق ئۈچ كېمە خادىمىنى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

  سىنگاپور دېڭىز ۋە پورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى سىنگاپورنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى بىرلىشىپ ئېلىپ باردى، سۇ يۈزىدە ئاختۇرۇش دائىرىسى 130 كىۋادرات كىلومېتىردىن 250 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتىلدى. بوشلۇقتا ئىزدەش دائىرىسى 770 كىۋادرات كىلومېتىردىن 2701 كىۋادرات كىلومېتىرغىچە كېڭەيتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىنگاپور دائىرىلىرى 280 قۇتقۇزغۇچى، بەش ئايروپىلان، 29 كېمىنى ئىشقا سېلىپ ئاختۇرغان، ھىندېنوزىيە قۇتقۇزۇش ماسلاشتۇرۇش مەركىزىمۇ 10 كېمە ئاجرىتىپ ھىندونېزىيە سۇ ساھىلىنى ئاختۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر