- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت ئارا جۇڭگو كىنولىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
2017.09.19 14:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۇكرائىنا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 18- سېنتەبىر ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدا «جۇڭگو تىياتىرخانىلىرى»نى كۆرسىتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتى. كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو تەرەپتىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇكرائىنا تىلى نۇسخىسىدىكى «مېنىڭ قېيىن ئاتام گۇمپا بىلىدۇ» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» ناملىق كىنو، ھەمدە «كىچىك جىگوڭ» ناملىق كارتون فىلىم ۋە يەنە «گۈزەل يېزا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۇكرائىنا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر