11- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئىران سەر پولزاخابدا، بىر ئەر يەر تەۋرەش خارابە ئاستىدىن تېلېۋىزورنى تېپىپ چىقىپ سىرتقا توشۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق بىلەن ئىراننىڭ چېگرا رايونىدا بېيجىڭ ۋاقتى 13- چېسلا سائەت 2دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەردى. ئىران چېگرىسىدىكى كىچىك شەھەر سەر پولزاخاب تەۋرەش مەركىزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغانلىقتىن، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان. شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، نۇرغۇن كىشىلەر يارىلانغان ۋە قازا قىلغان، سۇ، ئېلېكتىر ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن. ئۇ جايدىكى كىشىلەر يېمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۈ قاتارلىقلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى