باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا «ھەربىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەمىناتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە» ناملىق ھۆججەتنى بېسىپ تارقاتتى

2017.11.14 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا «ھەربىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەمىناتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە» ناملىق ھۆججەتنى بېسىپ تارقاتتى. 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەزكۇر «بەلگىلىمە»دە، بىرلىككە كەلگەن ۋە قېلىپلاشقان بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېھتىياجلىق بولۇش، قاتتىق ۋە چىڭ بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش ۋە پەرقلىق بولۇشتەك پىرىنسىپلار بويىچە، ھەربىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىش بېجىرىشكە ئىشلىتىدىغان ئۆيى، ئۆي- ماكانى، ئاپتوموبىل ئىشلىتىشى، خىزمەتچى سەپلەش ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەمىنات ئۆلچىمى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغان. بۇ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە قوللانغان زور بىر تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر