باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كۈچەپ سېتىۋىلىش»تىن كېيىن بىزدە يەنە نېمە قالدى؟

2017.11.14 11:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قوش 11» چۇقان-سۈرەن ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ھەم ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشكە ئۇدۇل كېلىپ قېلىش، ھەم تۈرلۈك-تۈمەن پائالىيەت قائىدىسى ۋە كۆزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «سېكۇنتلۇق ئەڭ تۆۋەن باھا» پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى خېلى ئوبدان قىزىتىپ، بۇ يىلقى «قوش 11» سودا سوممىسىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ بەكرەك يۇقىرى كۆتۈردى. كىشىلەر ھەر تەرەپتىن پۇل توپلاپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ، كاللا ئىشلىتىپ «جىددىي ھەم چارچىغان» ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە، بۇ «كاتتا مەرىكە» ئاخىرلاشتى، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئاستا-ئاستا تارىدى.

  شىنخۇا تورى «<قوش 11> زور خۇشاللىق بايرىمى>دا نەرسىلەر راس ئەرزانمۇ ياكى پەقەت قاتنىشىپ تاماشا قىلىپ قويۇۋاتامسىز؟» تېمىسىدىكى توردا تەكشۈرۈشتە، يېرىم ئۈلۈشتىن ئارتۇق كىشى «قوش 11»گە قاتنىشىپ مال سېتىۋالغانلىقى، ئۈچ ئۈلۈش ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياكى ئېغىر دەرىجىدە مال سېتىۋالغۇچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بىر تەرەپتە، توردا سېتىۋىلىش مەرىكىسىگە چوقۇم قاتناشمىسا بولمايدىغان تۇيغۇ، يەنە بىر تەرەپتە، توردا سېتىۋىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسى. ئۆزئارا زىددىيەتلىك ھەم ساقلانغىلى بولمايدىغان بۇنداق ئەھۋال بەلكىم ئاۋام ئىستېمالى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال پىسخىكىسىدىكى جانلىق تەسۋىرى بولۇشى مۇمكىن.

  «شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ 13-نويابىر ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ماددىي بۇيۇملار ئېشىنىپ قېلىۋاتقان دەۋردىكى غەلىتە كۆرۈنۈش. نۇرغۇنلىغان تاۋارلار پەقەت مۇشۇ بىر كۈن ئۈچۈن ياسىلىدۇ، سان-ساناقسىز كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي زۆرۈر بولغانلىقتىن شۇ نەرسىنى سېتىۋالمايدۇ. بارلىق بىردەملىك ھېسىيات مۇشۇ بىر كۈندە قويۇپ بېرىلىپ، ئەكسىچە، پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا، سېتىۋالغان نەرسىسىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتمەيدۇ.

  نېمىشقا خۇش بولمايدۇ؟ بىر تەرەپتىن، ھەقىقىي تاۋارنىڭ سېھرىي كۈچى توردا كۆرگەزمە قىلىنغىنىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «ئەينى ۋاقىتتىكى ھەجەپ ئەرزانكەن» دېگەن ئۇقۇم شۇ چاغدا ئەھمىيەتسىز بىر مەنىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ بىكاردىن پۇل ئىسراپ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشى مۇشۇنداق يېرىم قوبۇل قىلىش، يېرىم قوبۇل قىلماسلىق ھالىتىدە شۇ تاۋارنى سېتىۋالىدۇ، ئارقىدىنلا كېلەر يىلى چوقۇم ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىدۇ.

  ئاندىنچۇ؟ بىز ئۇ قەسىمىڭىزنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولىدۇ. چۈنكى كېيىنكى يىلىغا قالماي، پات يېقىندىكى يەنە بىر «توردا مال سېتىۋېلىش زور خۇشاللىق پائالىيىتى» باشلانسا، سىزنىڭ ئىچكەن قەسىمىڭىز كاللىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ.

  ھازىر، توردا مال سېتىۋىلىش بايرىمىمۇ ئاخىرلاشتى، پوسۇلكا ساقلاشتىن باشقا، بىزگە يەنە نېمە قالدى؟ بەلكىم بىزگە قايتىدىن قەسەم ئىچىش، ياكى كىرېدىت كارتىمىزنى قۇرۇغدىۋېتىپ، ھارغىچە قەرزگە بوغۇلغاندىكى ھەسرەت ۋە پۇشايمان قالغان بولۇشى مۇمكىن! ئەمەلىيەتتە، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنيارىمىز ئۈچۈن ئازراق بوشلۇق بېرىپ ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ، ماددىي قانائەتلىنىش خۇشاللىقى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بىز زادى نېمىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر