باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە قاتناشتى

كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز

2017.10.24 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» ناملىق كوللېكتىپ زىيارىتى بېيجىڭ مېدىيا مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مائارىپ سېپىدىن كەلگەن باشقا بەش پارتىيە ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىر كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ جىخۈەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسپىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشىنى، شىنجاڭغا بولغان قوللىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.تاراتقۇلار بىرىنچى سوئالىنى ۋەكىل ليۇ جىخۈەيگە قاراتتى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى: «يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا، كەسپىي مائارىپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ھازىر كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يەنىلا كۈچلۈك ئەمەس ، سىزدىن سوراپ باقاي، قانداق قىلغاندا كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى.

  ۋەكىل ليۇ جىخۈەي مۇنداق دېدى: «19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمگەك نەمۇنىچىسى روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىشتۈرۈش مېنىڭچە بۇ مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئىككى قاتلامنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا مۇھتاج. مەكتەپ ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە ئىختىساس ئىگىسى بولۇشىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىملىقىنى تونۇتۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ئالدى بىلەن مۇئەللىمدە ھۈنەرۋەن روھى بار بولغاندا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولالايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇمىي دەرس، كەسپىي دەرس ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتىدە ھۈنەرۋەن روھى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى سىڭدۈرۈش لازىم.»

  ۋەكىل ليۇ جىخۈەي يەنە مۇنداق دېدى: «ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماھارەت ئەمگەكچىلىرىگە بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تۈگىتىپ، باراۋەر، ھۆرمەت قىلىش مۇھىتىنى يارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھۈنەرۋەننىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تۈزۈم جەھەتتىن قوغداش كېرەك. پەقەت مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەندىلا، دۆلىتىمىزدە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر