باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى

مۇستەقىل باھالاش ئىقتىدارى ھازىرلىمىغانلار، باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ باھالاش ۋە ھاۋالىلىك باھالاشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ

2017.11.14 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ چىقارغان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋاقىتلىق چارە» دېيىلىدۇ)دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقىنى ئالىي مەكتەپكە بىۋاستە چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك. مۇستەقىل باھالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانلار باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ باھالاش ئۇسۇلى ۋە ھاۋالىلىك باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەردىكى دوتسېنتلار ۋە پروفېسسورلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇقىنى ئىنستىتۇت (فاكۇلتېت) دەرىجىلىك ئورۇنلارغا چۈشۈرمەسلىك كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش خىزمىتىدە «ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى باھالاشنى ھەقىقىي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» كېرەك .

  بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئېلىمىزدە ئالىي مەكتەپلەردىكى دوتسېنتلار ۋە پروفېسسورلارنى باھالاش ھوقۇقىنى تەستىقلاشنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش قارار قىلندى. ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇشى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقىنى ئالىي مەكتەپكە چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولسا، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش» شەكلىدىكى ئىسلاھاتنىڭ تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقىمۇ پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر