باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسى ئۆتۈش كېرەك

2017.11.03 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكى يېتەكچى پىروگراممىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى لايىھەسىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا پەنلەر دەرسى بىلەن تەڭ تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەر قايسى يىللىقلار بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  «پىروگرامما» بويىچە، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسى تۇرمۇشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ، ئىزدىنىش، مۇلازىمەت قىلىش، ياساش، ھېس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان پەن ھالقىغان ئەمەلىيەت دەرسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى نۇرغۇن پەن بىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىش تەكىتلىنىدۇ، دەرس ئوقۇتۇشىدا دەرسلىك ئاساسلىق ۋاسىتە قىلىنمايدۇ، مۇقىم مەزمۇن سىستېمىسى بويىچە ئوقۇتۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر