باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ خۇنىڭ: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2017.11.02 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم يىغىنى، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىز بۇ قېتىملىق مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بارلىق كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆگەنگەندە چۈشىنىشكە، بىلىشكە كۈچەش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىشنى ئىنچىلىك بىلەن ياخشى قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيەتكە يۈزلەندۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىقى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى كۆتۈرۈپ نىشان بەلگىلىدى، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىلمىي يېتەكچى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ باش لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىينىڭ روشەن باش تېمىسىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشنى، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى، قىلچە ئېغىشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىينىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان يولداشلار تەشۋىقات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ لېكسىيە تۈزۈپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قىلىپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كادىرلار ۋە ئامما ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، تەشۋىقاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە بېرىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئومۇميۈزلۈك يۈزتۇرانە، ھەمتۈرتكە شەكلىدە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر