باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى جۇڭگو خەلقئارا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىدە جۇلالاندى

2017.11.01 16:30   مەنبە: خەلق تورى

«تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى جۇڭگو خەلقئارا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىدە جۇلالاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئۆكتەبىر، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەتلەسنى ئىلھام قىلغان ئىجادىيەت نامايەندىسى «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» تېمىسىدىكى كىيىم-كېچەك ئېلان قىلىش كۆرگەزمىسى بېيجىڭ مېھمانخانىسىدا باشلاندى.

  شۇ كۈنى «مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ بىرى» شەرىپىگە ئېرىشكەن سۈن شۇچىن، چېن يىڭفېن، تاۋ تاۋ ۋە ئۇيغۇر لايىھەلىگۈچى دىلارە زاكىر ئۆزلىرىنىڭ كۆپ يىللىق لايىھىلەش جۇغلانمىسى، شۇنداقلا ئەتلەسكە بولغان تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيىتى ئارقىسىدىكى بىر يۈرۈش «لايىھەلەش بىلەن بازار، مىللەت بىلەن دۇنياۋىلىق» زىچ يۇغۇرۇلغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى كۆرۈرمەنلەرگە تەقدىم ئەتتى. مودېللارنىڭ نامايان قىلىشى بىلەن، تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس مودا كىيىملىرى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل، جانلىق ئوبرازىنى سۈرەتلىدى.

  ئەتلەس __ «يىپنى ئۆرۈش، چىگىپ بوياش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن بولغان بىر خىل يىپەك بۇيۇمى، ئۇ رەڭدار، ئۆزگىرىشچان، سىزىق-ئىزلىرى راۋان ۋە چىرايلىق، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياخشى كۆرىدىغان كىيىم-كېچەك رەختى بولۇپ، يەنە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» ئەتلەسنى تور ئارقىلىق يېتەكلەش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، بۇ پائالىيەت 2015-يىلى يولغا قويۇلغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان ئەتلەس شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ بىر يارقىن ئىسىم كارتوچكىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىشقا يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىن 2017-يىلى 6-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى 284 مىڭ ئادەمنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ساھە بويىچە ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 414 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

  (سۈرەتلەر تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…