خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن بىللە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 22-قېتىملىق قەرەللىك سۆھبىتىگە ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنىلاردۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەر ئۆزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سايلاپ چىقىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىدۇ، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت، رايونلار شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ تېنچلىقى بىلەن تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى