باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلدى

2017.11.03 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەشنى قارار قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسلىقى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك يولداشلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئەزالىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ شياۋدۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنگو، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ يۇڭچىڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي، مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ شياڭفېڭ، مەركەز ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس- بايلىق- مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شاۋشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ خۇچېڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شياۋ جيې، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن شۇخۇڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ شۈەنمىن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى، تەشكىلات 1-ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شياۋشىن، مەركەز مالىيە- سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يى گاڭ، مەركەز مالىيە-سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن، مەركەز مالىيە-سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇ چىمىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخوڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ ۋېي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جياڭ جىنچۈەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فەن شېڭجۇ، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي فاڭ، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لەيمىڭ، گوۋويۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ قاتارلىق 36 يولداشتىن تەركىب تاپقان.

  1-نويابىردىن باشلاپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ دەرس تەييارلايدۇ. كۆپچىلىك پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنى، نۆۋەتتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە جەھەتتىكى قايمۇقۇشلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، لېكسىيە ئورىگىنالىنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 5- نويابىردىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر