باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قابا ناھىيەسىدە 4000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرار ئېيتتى

2017.10.30 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەن ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم، پارتىيەنىڭ پىروگراممىلىرىنى قوغدايمەن، پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىمنى ئادا قىلىمەن،...»، 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، قابا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى بارلىق كادىرلار شۇ ناھىيەنىڭ جايىلما يېزىسى غەربىي مايساق كەنتىگە بېرىپ، كەنت «ئىككى كومىتېتىت» بەنزىسىدىكىلەر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكى پارتىيەلىك ئامما بىلەن بىرلىكتە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەگە بولغان مۇھەببىتى، ئىشەنچى، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغان ئارزۇ-ئەقىدىسىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان قابا ناھىيەسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەربىيەسىنى ئۆزلۈكىدىن كۈچەيتىش ئۈچۈن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتا ئېسىگە ئېلىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى كەڭ قانات يايدۇرغان. 346 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 4000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتىدىن تەكرارلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ پۇختىلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر