باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا دوكلات بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  (2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى)

  شى جىنپىڭ

  يولداشلار:

  ھازىر مەن 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.

  قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

  نۆۋەتتە ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەڭگۈ قاتماللىشىپ قالماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

  1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىسمەن توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان، يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا قەدەم قويغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق.

  18- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەتتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەر ھەققىدە قارار چىقاردى ۋە بۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات قارىشى قەتئىي توغرىلاندى، تەرەققىيات ئۇسۇلى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىساد داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە مۇقىم 2- ئورۇن تۇتۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتتى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، تاشيول، كۆۋرۈك، پورت، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يەتتى. بازارلىشىش نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى، 80 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى شەھەر- بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى. رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭكەشلىكى كۈچەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي ماسلاشما تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن ئەمەلگە قويۇلۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجە قولغا كەلدى، ئەرش ئوردىسى ئۇچقۇسى، ئەجدىھا چۆككۈسى، تيەنيەن تېلېسكوپى، ۋۇكۇڭ سۈنئىي ھەمراھى، موزى سۈنئىي ھەمراھى، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق زور پەن- تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى. جەنۇبىي دېڭىز ئارال قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتى، تاشقى سودا، تاشقى سېلىنما، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇقىم ئورۇن تۇتتى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېز قەدەم بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرى قەتئىي تۈگىتىلدى. ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئارقىلىق كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقى تازا كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، 1500 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى روشەن ئۆستى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى روشەن ئاشتى.

  دېموكراتىيە- قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي پائال راۋاجلاندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىدى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى- مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تېخىمۇ كېڭەيدى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى. ئىلمىي ئاساستا قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىدى، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى بىر- بىرىنى ئالغا سۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىدىيە- مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجە قولغا كەلدى. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە قارىتىلغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى داۋاملىق گۈللەندى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئالاقە تورىنى بەرپا قىلىش، باشقۇرۇش، قوللىنىش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسى ئەتراپلىق راۋاجلاندى. ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ ياڭرىدى، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ ئاشتى، مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان بولدى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇنلىغان تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2 تىن تۆۋەنلەپ، %4 تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. مائارىپ ئىشلىرى ئەتراپلىق راۋاجلاندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار مائارىپى ۋە يېزا مائارىپى روشەن كۈچەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، شەھەر- بازارلاردا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر- يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، كىرىمى ئوتتۇراھال كىشىلەر سىجىل كۆپەيدى. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالىنىش- ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراش ئەھۋالى روشەن ئۆزگەرتىلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى تېز شەكىللەندى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتى، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىنىقى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ئېنېرگىيە- بايلىق سەرپىياتى سىجىللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئالغا سۈرۈلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى سىجىل ئۆستى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش روشەن كۈچەيتىلدى، مۇھىت ئەھۋالى ياخشىلاندى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىققا يول كۆرسىتىپ، يەرشارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرى ۋە يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن تۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى چاقىرىلىپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە جارى قىلدۇرۇلدى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ئۈنۈملۈك تۈزەلدى. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سىستېمىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىندى. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى كۈچەيتىلىپ، دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش، ئەدەن قولتۇقىدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەر ئۈنۈملۈك ئورۇندالدى، قورال- جابدۇق تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ھەربىي كۈرەشكە ھازىرلىق كۆرۈش جەھەتتە زور نەتىجە قولغا كەلدى. خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى. «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن مەركەزگە بەرگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقى پۇختا ئىگىلەندى، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ ئالاقىسى- ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاندى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىل ئورتاق تونۇشى» قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئالغا سۈرۈلدى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدى، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تەيۋەن ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئوبدان تاقابىل تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى كۈچلۈك قوغدالدى.

  ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى شارائىت يارىتىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇسى يولغا قويۇلۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىندى، تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، زور تۆھپە قوشۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ھالىتى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشى ئالغا سۈرۈلۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي قوغدالدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش تەلىپى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە- ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، پارتىيەۋىلىكى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. يېڭى دەۋرگە خاس ياخشى كادىر ئۆلچىمى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە كەيپىياتى روشەن ياخشىلاندى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئىنتىزام گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئەڭ زور تەھدىت سېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشى قاتتىق تۈزىتىلىپ، ئىمتىيازغا قەتئىي قارشى تۇرۇلدى. كۆزىتىشنىڭ شەمشەرلىك رولى نامايان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ كۆزىتىشىدە ھەممىنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، «چوڭلىرىغىمۇ، كىچىكلىرىگىمۇ تېگىش»، «قاچقۇنلارنى تۇتۇش»تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىش نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق قەپىزى بارغانسېرى چىڭىتىلدى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىش توسمىسى قۇرۇلماقتا، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر