باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

2017.10.30 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)»نى مەخسۇس ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ تىكلىنىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيە رايى، خەلق رايىغا ئۇيغۇن زور قارار بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە بىردەكلىكى ئەڭ ئاۋۋال پارتىيە نىزامنامىسىگە بولغان تونۇشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرىكەت بىردەكلىكى ئەڭ ئاۋۋال پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىشتىكى يۈكسەك بىردەكلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەگە سەمىمىي، سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى قوغداش، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش كېرەك. بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتىدە، پۈتۈن پارتىيەگە كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىلىق كۈچى، خەلققە ئېتىقاد كۈچى، ھەقىقەت كۈچى، قەدىر- قىممەت كۈچى بېغىشلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىنى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە يادرونى قەتئىي تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا قەتئىي ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاش ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تۈزۈم شەكىللەندۈرۈشى ھەم ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي ئاڭ ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كادىرلار ئارىسىدىكى ئىدىيەدە، تەشكىلىي جەھەتتە، ئىستىلدا پاك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى، پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر