باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەخسۇس زىيارەت: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خەلققە بەخت ياراتتى

− پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنى زىيارەت

2017.10.26 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس يېقىندا، رامئاللاغا جايلاشقان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى.

  ئابباس مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتى جەھەتتە نامايان بولدى، جۇڭگو مەيلى دىپلوماتىيە، تاشقى ئىقتىساد ياكى خەلقئارا ھەمكارلىق ساھەسىدە بولسۇن، ھەممىسىدىلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئابباس مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ، تەرەققىيات يولىدا ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم، كۈچلۈك قەدەم تاشلاپ، دۇنيانىڭ نەزىرىنى جەلپ قىلدى.

  پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئابباس مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن جۇڭگو ياخشى دوستلار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىزچىل ياخشى دوستلۇقنى ساقلاپ كەلدى ھەمدە دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، كۈنسېرى يېڭىلاندى. جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر پەلەستىننى قوللاپ كەلدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك خەلقئارا ئورنى ۋە مۇھىم تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشتىن-ئاخىر پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ كەلدى.

  ئابباس «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالغاندا، مۇنداق دېدى: پەلەستىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

  ئابباس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا مۇھىم تارىخىي بۇرچ ئاتا قىلدى، بۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول» كەلگۈسىدە دۇنيا ئىقتىسادى، خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئادىمىيەت ئالاقىسىگە قارىتا زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر