باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.10.27 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  پۇتىن ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم. قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ سىز رەھبەرلىك قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. سىز جۇڭگودا پارتىيە ۋە خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە. رەئىس جانابلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەنى يېتەكلەپ، داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشلىرىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھازىرقى دۇنيادا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈشىدىكى نەمۇنە. مەن رەئىس جانابلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەم چوڭ-چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ تەبرىكلەپ تېلېفون بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا يېپىلغان ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي فاڭجېنى، ھەرىكەت پىروگراممىسى تۈزۈلدى، بۇنىڭدا پۈتۈن پارتىيەدىكى 89 مىليون پارتىيە ئەزاسىنىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر