باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك (1)

2017.10.27 16:17   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان ئارمىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. خەلق ئارمىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، يولداش فەن چاڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل، شۇنداقلا ئارمىيەمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن، پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئەمەلىي جەڭ تۈسىگە كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋار بولۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، تۈپ خاراكتېرلىك بەزى نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق بەزى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، بىر قىسىم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…