باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك بىيۇروسىنىڭ تور بېكىتىدە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى ئوچۇق دەرسى» سەھىپىسى ئېچىلدى

2017.10.30 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا غەلىبىلىك ھالدا يېپىلغان ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىش ئارقىلىق بىردەك ماقۇللاندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك بىيۇروسىنىڭ تور بېكىتىدە، ئەسلى ئىجادىيەت خاراكتېرىدىكى كۆرۈنمە چاستوتىلىق پىروگرامما «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى ئوچۇق دەرسى» سەھىپىسى ئېچىلدى. بۇ پىروگرامما ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ يېڭى نىزامنامىسى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈلگۈسى.

  بۇ قېتىمقى پارتىيە نىزامنامىسىغا قانداق يېڭى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى؟ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسىدا ئۆزگەرگەن ۋە ئۆزگەرمىگەن مەزمۇنلار قايسى؟ پارتىيەنىڭ بۇ يېڭى نىزامنامىسىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى نېمە بولدى؟ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك بىيۇروسى تور بېكىتى باشلامچى بولۇپ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى مەكتەپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى ۋە پىروفېسسور شيې چۈنتاۋنى «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى ئوچۇق دەرسى» توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلماقچى. بۇ لېكسىيەدە ھازىر ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ئۈچۈن بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ئۇ ئوچۇق دەرستە، 19- قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى) ئاساسىدا، پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن كۆرۈنۈشلىرى بويىچە نامايان قىلىنىدۇ؛ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر مەركەزلىك ھالدا كۆرسىتىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ پۈتۈن پارتىيە تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىشى تىرىشىپ چوڭقۇر ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۈرلۈك ئىشلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر