باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ئاۋىياتسىيەلىرى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسىللىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانلىرىنى ئىجرا قىلدۇ

2017.10.30 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىگىلىنىشىچە: 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەلىرى 2017\2018- يىللىق قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئاۋىياتسىيەنىڭ يېڭى پەسلىدىكى ئۇچۇش پىلانلىرىغا دۆلەت ئىچىدىن جەمئىي 50 ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىكى13 ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ھەمدە چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن 143 شىركەت چېتىشلىق. كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ پىلان مىقدارى تەخمىنەن 14مىڭ 460 قېتىم بولۇپ، 2016\2017- يىللىق قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىدىن تەخمىنەن %5.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ھەمدە چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مىقدار نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %90.3، % 2.1 ۋە %7.6 بولغان.

  مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەر ھەپتىسىگە ئۇچۇش مىقدارى جەمئىي 63 مىڭ 765كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچىگە قاتناشقا يېڭىدىن قوشۇلغان 419 يول ئوڭچە لىنىيەلەر بولسا، ئاساسلىقى زۇنيى، گولولار، ئۇلانچاب ۋە بوئاۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودۇرۇملار بىلەن بېيجىڭ، گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى لىنىيەنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر