خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدىكى سانتا روسا بازىرىدا، ساقچىلار ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن بىر رايوننى قامال قىلدى. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى داۋاملىق ئاشتى. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11- ئۆكتەبىر كەچكىچە، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان سونوما ناھىيەسىدە يەنە ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، كالىفورنىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 23كە يەتتى. نۆۋەتتە 8000دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشماقتا. شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بورانلىق ھاۋارايى سېگنالى ئېلان قىلدى. بۇ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى