باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تەرىپلىدى

2017.10.25 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ نەتىجە يارىتىش لازىم.

  يېقىندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تەرىپلەپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنى ئەينەك قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى.

  قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئازات مۇنداق دېدى: سىياسىينىڭ ۋەزىپىسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىلا ئەمەس، ياكى ماكرولۇق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر بىر ئادەمنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئادەتتىكى ئاممىنى بەھرىمەن قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بۇنداق ياخشى ۋەزىيەت بار بولدى.

  نىگېرىيە «خەلق گېزىتى» ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى يېتەكلەپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر