خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىسىرنىڭ قاھىرەدە، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ)نىڭ كېلىشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئازام ئەھمەد (ئالدى رەت ئوڭدا) بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى سالىھ (ئالدى رەت سولدا) كېلىشىم ئىمزالىدى.
پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) 12-ئۆكتەبىر مىسىرنىڭ قاھىرەدە كېلىشىم ئىمزالاپ، يارىشىشقا قوشۇلۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك بۆلۈنمە ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى