باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تېز ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.10.30 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باي ناھىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 19- قۇرۇلتاي روھىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى كارخانا، يېزا- كەنت، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما ۋە تور پونكىتلىرىغا يەتكۈزدى.

  سۈرەتتە: جۇڭتەي كۆمۈر كوكۇسلاش چەكلىك شىركىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى توغرىسىدىكى تەشۋىقات تاختىسىنى كۆرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۈەن بوسەي فوتوسى)

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى تېز قوزغالدى. جايلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى جايلاردا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىمىز.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى: رەھبەرلەر قۇرۇلتاينىڭ روھىي ماھىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش بەنزىسى چوڭ ئۆگىنىش، چوڭ مۇھاكىمە، چوڭ ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. بەنزە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە مەسئۇل خىزمىتىنى چۆرىدەپ، مەسئۇل ساھە، تارماق، ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى، «يەتتىنى ھۆددىگە ئېلىش، يەتتە بىلەن ئالاقىلىشىش» خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ 19- قۇرۇلتاي روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ۋە بىلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۆز ناھىيەسى، شەھىرى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوبلاست بويىچە 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك.

  قاراماي شەھىرى: ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىشكە كۈچەش كېرەك

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 21- قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شەھىرىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىپ، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ھەممەيلەنگە بىلدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇشى؛ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئوقۇتۇش- تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تېما چىقىرىپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى مەۋقەنى خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ماھىيىتىنى ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە كۈچەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  قەشقەر ۋىلايىتى: قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋىلايەت بويىچە 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك. بىرىنچى، قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئاممىغىچە يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆگىنىش- تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تېزدىن لايىھە تۈزۈپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى مەلۇم ۋاقىتقا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋىلايەت بويىچە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى چىڭ تۇتۇپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. بەشىنچى، خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  تارباغاتاي ۋىلايىتى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋىلايىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بولۇپ، يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  قومۇل شەھىرى: چوڭقۇر، پىششىق ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

  قومۇل شەھەرلىك پارتكوم 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، چوڭقۇر، پىششىق ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىشكە كۈچەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، پىلان تۈزۈپ، مەخسۇس تېما چىقىرىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچى، زىچ بىرلەشتۈرۈش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، كەڭ تەشۋىق قىلىش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىلىش ئارقىلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەش كېرەك. سىياسىيغا، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلاپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  خوتەن ۋىلايىتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك

  خوتەن ۋىلايىتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ۋىلايەتلىك كادىرلار يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئەينەن، ئۆز پېتى ياخشى ئۆگىنىپ، «پارتىيە نىزامنامىسى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىش كېرەك.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى قەلبكە، كاللىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، ئىدىيەسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ۋە كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، 19- قۇرۇلتايدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەلبكە، كاللىغا سىڭدۈرۈشى؛ ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشى؛ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جانلىق، توغرا تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

  تۇرپان شەھىرى: 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم 10- ئاينىڭ 27- كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شەھەر بويىچە 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك، ئەينەن ئۆگىنىش، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، تەكرار ۋە ئۇزاققىچە ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە كۈچەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. ئاخبارات تەشۋىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى؛ «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قابىل كۈچلەرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ۋە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى مول مەزمۇنلۇق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى كېرەك.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 10- ئاينىڭ 28- كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس يەتكۈزدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوبلاست بويىچە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم باشلامچى بولۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنتىزام، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، سادىق، پاك بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى پەللىدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  ئالتاي ۋىلايىتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش كېرەك

  ئالتاي ۋىلايىتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ناھىيە، شەھەر، يېزا- بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى، ئامما سىن يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىندا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى سەپەرنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. پۈتۈن ۋىلايەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ ئەينەن ئۆگىنىش، كۆپ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا ھەقىقىي يەتكۈزۈش، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، تەشۋىقات بىلەن تولۇق قاپلاش تەلەپ قىلىندى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل ۋە كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا يىلتىز تارتقۇزۇش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەربىر پارتىيە ياچېيكىسى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، ھەر بىر كادىر، ھەر بىر ئاممىغىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ قىرغىزچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بېسىپ ئاساسىي قاتلامغا تارقاتتى.

  (مۇخبىرلىرىمىز خەن چىنيەن، شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن دۇڭ شېڭشياڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇ لىن، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن ئوۋ دېڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سەي شياۋچىڭ، شېڭ يۈ، جۇ خەيبىن، چۇ خۇيفاڭ، ليۇ جېن، چېن ۋېن، ۋېن بو، ليۇ مېڭشىن، جاڭ خۇاۋېي، جاڭ شىنمېي، لى شىنئەن، ما چېڭلۇ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر